UYNTV

ب د ت نىڭ باش ئىشتابىدا تەزىيە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، سابىق باش كاتىپى ئاننانغا تەزىيە بىلدۈرۈلدى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 24-08-2018 12:08

A-A+

d

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىيۇيوركتىكى باش ئورگىنىدا 22- ئاۋغۇست مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈپ ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سابىق باش كاتىپى ئاننانغا تەزىيە بىلدۈرۈلدى . بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېرېس مۇراسىمغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

گۇتېرېس تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى : ئاننان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قىممەت قارىشىنى نامايەن قىلدى،بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بارلىق خىزمەتچى خادىملىرى ئۇنىڭ خىزمەتدىشى بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىدۇ.

گۇتېرېس مۇنداق دېدى: شانلىق ئادىمىيلىك ۋە ئاجىزلارغا ياردەم بېرىش ئانناننىڭ ئەڭ مۇھىم خاراكتېرى . ئۇ ئۆز مەيدانىدا چىڭ تۇراتتى ، كەمتەرلىك ، مۇلايىملىق، ئەدەپلىك ۋە جەلپكارلىقنىڭ كەينىگە ئۇنىڭ غايەت زور ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچى يوشۇرۇنغان.

 

x

 

 

x

 

 

x

 

 

x

 

مۇناسىۋەتلىك ئولانمىلار