UYNTV

گېرمانىيە ئەمگەكچىلەر ئىدارىسى مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىش مۇساپىسىگە ئىجابىي باھا بەردى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 24-08-2018 11:53

A-A+

گېرمانىيە فېدېراتسىيە ئەمگەكچىلەر ئىدارىسىنىڭ باشلىقى شېلې يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى : گېرمانىيەنىڭ مۇساپىرلارنى سىڭدۈرۈش مۇساپىسى مۆلچەردىكىدىن ياخشى بولدى ، مۇساپىرلارنىڭ نېمىس تىلىنى پىششىق ئىگىلىگەن ئىگىلىمىگەنلىكى ئوڭۇشلۇق خىزمەت تېپىشىنىڭ مۇھىم ئالدىنقى شەرتى قىلىندى .

شېلې شۇ كۈنى گېرمانىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا مۇنداق دېدى : بۇ يىل 5-ئايدىكى ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە: مۇساپىرلار كەلگەن ئاساسلىق سەككىز دۆلەت مۇساپىرلىرى ئىچىدە 300 مىڭ كىشى گېرمانىيەدە ئىشقا ئورۇنلىشىپ ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 88 مىڭى كۆپەيگەن . بۇنىڭ ئىچىدە، 238 مىڭ ئادەم يەنە ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسى بار خىزمەت تاپقان.

 

مۇناسىۋەتلىك ئولانمىلار