UYNTV

شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك تەشۋىقات-ئىدىيە خىزمىتى يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 24-08-2018 11:20

A-A+

s

مەملىكەتلىك تەشۋىقات- ئىدىيە خىزمىتى يىغىنى 21-ۋە 22-ئاۋغۇست بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى ۋەزىيەتتە تەشۋىقات-ئىدىيە خىزمىتىنىڭ بۇرچى ۋە ۋەزىپىسىنى تاماملاشتا، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ،«تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈش، ئەل رايىنى مۇجەسسەملەش، يېڭى كىشىلەرنى تەربىيەلەش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئوبرازنى نامايەن قىلىش بۇرچى، ۋەزىپىسىنى ئاڭلىق ئۈستىگە ئېلىش كېرەك، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۇل خاراكتېرلىك، ئىستراتېگىيەلىك خىزمەتلەرگە كۈچ سەرپ قىلىش، ھالقىلىق جايلارغا، جايىغا تەگكۈزۈشكە، خىزمەت سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، تەشۋىقات ئىدىيە خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ غايە-ئېتىقاد، قىممەت قارىشى، ئەخلاق قارىشىدا زىچ ئىتتىپاقلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى ئومۇمىيىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە 18 -قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز تەشۋىقات-ئىدىيە خىزمىتىنى ئومۇمىيەت خىزمىتىدە مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، بىر قاتار زور تەدبىرلەرنى چىقىرىپ يولغا قويدۇق. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، تەشۋىقات-ئىدىيە خىزمىتى سېپىدىكىلەر ئاكتىپ ئىشلەپ، يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈردى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ۋە جۇڭگو ئارزۇسى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ۋە جۇڭخۇا ئىلىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى كەڭ ئەۋج ئالدى، ئاساسىي ئېقىم ئىدىيە جامائەت پىكرى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى ۋە زورايدى، مەدەنىيەت ئىشەنچى نامايان بولدى، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق كۈچى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەسىر كۈچى زور دەرىجىدە ئۆستى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئىدىيە جەھەتتىكى ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى. ئەمەلىيەت پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەشۋىقات-ئىدىيە خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ تامامەن توغرا ئىكەنلىكىنى، تەشۋىقات-ئىدىيە خىزمىتى سېپىدىكى كادىرلارغا تامامەن ئىشىنىشكە ئەرزىيدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز ئەمەلىيەت داۋامىدا، تەشۋىقات-ئىدىيە خىزمىتىنىڭ قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈملەرنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. بىرىنچى، پارتىيەنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىك ھوقۇقىدا چىڭ تۇرۇش. ئىككىنچى، ئىدىيە خىزمىتىدىكى «ئىككىنى مۇستەھكەملەش» تۈپ ۋەزىپىسىدە چىڭ تۇرۇش. ئۈچىنچى، خەلقنى يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن قوراللاندۇرۇش، تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇش. تۆتىنچى، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتە چىڭ تۇرۇش. بەشىنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنىڭ تېخىمۇ ئاساسلىق، تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك، تېخىمۇ چوڭقۇر ئىشەنچ ئىكەنلىكىدە، تېخىمۇ ئاساسلىق، تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان كۈچ ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇش. ئالتىنچى، ئاخبارات جامائەت پىكرىنىڭ تارقىتىش كۈچى، يېتەكلەش كۈچى، تەسىر كۈچى، ئاممىۋى ئىشەنچلىكلىكىدە چىڭ تۇرۇش. يەتتىنچى، خەلقنى مەركەز قىلغان ئىجادىيەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش. سەككىزىنچى، ئىستىلى دۇرۇس، كەيپىياتى توغرا بولغان تور بوشلۇقى بەرپا قىلىشتا چىڭ تۇرۇش. توققۇزىنچى، جۇڭگو ھېكايىسىنى ئوبدان سۆزلەش، جۇڭگو ساداسىنى ئوبدان تارقىتىشتا چىڭ تۇرۇش. بۇ مۇھىم ئىدىيەلەر تەشۋىقات-ئىدىيە خىزمىتىدىكى تۈپ مىزان، چوقۇم ئۇزۇن مۇددەت چىڭ تۇرۇش، ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، كۈچلەرنى مۇجەسسەملەشنى تەشۋىقات- ئىدىيە خىزمىتىنىڭ مەركىزىي ھالقىسى قىلىش كېرەك. نۆۋەتتە، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى، پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن ئىستراتېگىيەلىك نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش، ﺟﯘﯕﮕﻮﭼﻪ ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺰﻣﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﻏﻪﻟﯩﺒﯩﺴﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪلتۈرۈش ئۈچۈن، ئىشەنچىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەشكە، كۈرەش ئىرادىسىگە ئىلھام بېرىشكە، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا تېخىمۇ موھتاج. بىز چوقۇم خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۈرەش نىشانى قىلىشىمىز، ھەم ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىمىز، ھەم ئىدىيەۋى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىمىز، ئىشەنچىنى تېخىمۇ ياخشى چىڭىتىپ، ئەل رايىنى مۇجەسسەملەپ، ئەل رايىنى چۈشىنىپ، ئەل قەلبىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. بىز ھەم جۇڭگو يولى، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكنى پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياخشى چۈشەندۈرۈشىمىز، ھەم ئېلىمىزنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكى ۋە مەدەنىيەت بىخەتەرلىكىنى ئۈنۈملۈك قوغدىشىمىز كېرەك. بىز چوقۇم تۇرغۇزۇشنى ئاساس قىلىپ، تۇرغۇزۇش بىلەن يوقىتىشنى تەڭ تۇتۇپ، سوتسىيالىستىك ئىدېئولوگىيەنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە يېتەكلەش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. بىز چوقۇم توردا تارقىتىشنىڭ قانۇنىيىتىنى ئىلمىي تونۇپ، تورنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىنتېرنېتتىن ئىبارەت بۇ ئەڭ چوڭ ئۆزگەرگۈچى مىقدارنى ئىشلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئەڭ چوڭ ئېشىش مىقدارىغا ئايلاندۇرۇشىمىز لازىم.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى ۋەزىيەتتە تەشۋىقات-ئىدىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، چوقۇم ئاڭلىق ھالدا بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈش، ئەل رايىنى مۇجەسسەملەش، يېڭى كىشىلەرنى تەربىيەلەش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئوبرازنى نامايەن قىلىش بۇرچى، ۋەزىپىسىنى ئاڭلىق ئۈستىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك. بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈشتە، ماركسىزم، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈش كېرەك، پۈتۈن پارتىيەنى، خەلقنى يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن قوراللاندۇرۇش، تەربىيەلەشتە بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش، بىلىش، تولۇق چۈشىنىشكە ئەمەلىي كۈچ سەرپ قىلىپ، ھازىرقى زامان جۇڭگو ماركسىزمى، 21 - ئەسىردىكى ماركسىزمنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇش، يىلتىز تارتقۇزۇش كېرەك. ئەل رايىنى مۇجەسسەملەشتە، توغرا جامائەت پىكرى يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئاساسىي مېلودىيەنى ياڭرىتىپ، ئىجابىي كۈچلەرنى زورايتىپ، ئاساسىي ئېقىم ئىدىيەسى جامائەت پىكرىنى زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى ئىلھاملاندۇرۇپ، روھىنى ئۇرغۇتۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن ئۇلۇغۋار نىشانغا قاراپ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا بېسىش لازىم. يېڭى كىشىلەرنى تەربىيەلەشتە، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇش، مەدەنىي ئادەم بولۇش، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيەت بەرپا قىلىش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، خەلقنىڭ ئىدىيەسى، ئېڭى، ئەخلاق ئۆلچىمى، مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش زور ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈشتە، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇش، جۇڭخۇا ئىلىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئىجادىي ئايلىنىشىغا، يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېرلىك تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش، ئىنقىلابىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىپ، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇش، پۈتكۈل مىللەتنىڭ مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتتە كۈچلۈك دۆلەت بەرپا قىلىش لازىم. ئوبرازنى نامايەن قىلىشتا، خەلقئارا تارقىتىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭگو ھېكايىسىنى ئوبدان سۆزلەش، جۇڭگو ساداسىنى ئوبدان تارقىتىش، دۇنياغا ھەقىقىي، ستېرېئونلۇق، ئومۇميۈزلۈك جۇڭگونى نامايەن قىلىپ، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: غايەت زور ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە يېتەكلەش كۈچىگە ئىگە سوتسىيالىستىك ئىدېئولوگىيەنى بەرپا قىلىش- پۈتۈن پارتىيە، بولۇپمۇ تەشۋىقات-ئىدىيە سېپىدىكىلەرنىڭ ئۈستىگە ئېلىشى زۆرۈر بولغان بىر تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە. ماركسىزملىق تەشۋىقات-تەربىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ۋە كۈچەيتىش، بولۇپمۇ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى بىلىش، تولۇق چۈشىنىشكە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىشنى سوتسىيالىستىك ئىدېئولوگىيە بەرپا قىلىشنىڭ ئاچقۇچى قىلىشتا، ماركسىزمنىڭ ئېلىمىزنىڭ پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى يېتەكچى ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە، جۇڭگو ئۇسلۇبىغا، جۇڭگوچە سالاپەتكە ئىگە پەلسەپە-ئىجتىمائىي پەننى بەرپا قىلىش كېرەك. توغرا جامائەت پىكرى يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، ئاخبارات جامائەت پىكرىنىڭ تارقىتىش كۈچى، يېتەكلەش كۈچى، تەسىر كۈچى، ئاممىۋى ئىشەنچلىكلىكىنى ئاشۇرۇپ، ئاساسىي ئېقىم ئىدىيەسى جامائەت پىكرىنى مۇستەھكەملەش ۋە زورايتىش لازىم. تارقىتىش ۋاسىتىسى ۋە تىل ئادىتىدە يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ ئائىلىسىگىچە يەتكۈزۈش كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىك تاراتقۇ مەركىزى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ياخشى تۇتۇپ، ئاممىنى تېخىمۇ ياخشى يېتەكلەپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش لازىم. ھەقىقەتتە بايرىقى روشەن ھالدا چىڭ تۇرۇپ، سەپسەتىلەرگە مەيدانى مۇستەھكەم ھالدا رەددىيە بېرىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لاينىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە بىخەستەلىك قىلماسلىق، بازا باشقۇرۇشتا بوشاڭلىق قىلماسلىق، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشتە بىپەرۋالىق قىلماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەشۋىقات-ئىدىيە خىزمىتى كىشىلەرگە خىزمەت ئىشلەيدىغان خىزمەت، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش زور ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالغان يېڭى دەۋر كىشىلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى ئۆزىنىڭ مۇھىم بۇرچى قىلىشى كېرەك. ئەڭ مۇھىمى قەتئىي غايە - ئېتىقاد ئارقىلىق مەنىۋى ئاساسنى چىڭىتىپ، ماركسىزمغا بولغان ئېتىقاد، سوتسىيالىزم ۋە كوممۇنىزمغا بولغان ئېتىقادنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى ، نەزەرىيە، تۈزۈم، مەدەنىيەت ئىشەنچنى كۈچەيتىش لازىم. تەربىيە يېتەكچىلىكى، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە ئادەتلىنىش، تۈزۈم كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، ئومۇمي خەلقنى ئاڭلىق ھالدا ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە يېتەكلەش كېرەك. ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ قىممەت قارىشىنىڭ شەكىللىنىش ۋە بېكىتىلىش ھالقىلىق مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆسمۈرلەرنى ھاياتىدىكى تۇنجى تۈگمىنى ياخشى ئېتىشكە يېتەكلەش كېرەك. ئىلغار، نەمۇنىچىلاردىن ئۆگىنىش تەشۋىقات پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، قەھرىمانلارنى ھۆرمەتلەش، قەھرىمانلاردىن ئۆگىنىش، قەھرىمانلارنى قوغداش، قەھرىمانلارغا غەمخورلۇق قىلىش قويۇق كەيپىياتى لازىم. دەۋر يېڭى كەيپىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ ، ئىدىيە ـ ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، يېڭى دەۋر مەنىۋى مەدەنىيلىك مەركىزى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ ئىدىيەۋى ئېڭى، ئەخلاق ئۆلچىمى، مەدەنىيەت ساپاسى ۋە پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش لازىم. يېڭى ئىستىل، توغرا كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ناچار ئۆرپ - ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىي يېزا ئىستىلى، ياخشى ئائىلە ئىستىلى، ئاددىي ساددا بولۇش ئىستىلىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا كەنتلەرنىڭ مەدەنىي يېڭى كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بارلىق مەدەنىيەت ئەدەبىيات سەنئەت خىزمەتچىلىرى تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈشنى ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ جان تومۇرى قىلىپ، ئۇلۇغ دەۋرنى چىن مېھرى بىلەن ئىپادىلەپ، پارتىيەنى، ۋەتەننى، خەلقنى، قەھرىمانلارنى مەدھىيەلەيدىغان نادىر ئەسەرلەرنى يېزىشقا كۈچ چىقىرىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېڭى داستانىنى يېزىپ چىقىشى كېرەك . ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ ، ئەدەبىيات سەنئەت خىزمەتچىلىرىنى توغرا تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، دۆلەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈشكە؛ ئاڭلىق ھالدا سۆزلەشكە، سۆزلەش ئۇسلۇبىغا، مەسئۇلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىشكە يېتەكلەش لازىم. دۆلەتنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىسىگە ئاڭلىق بويسۇنۇپ، ئەخلاق - پەزىلەت جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىپ، چاكىنا ناچار ئىستىللارنى قەتئىي توسۇپ، ساغلام ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرى ۋە ئادىمىيلىك ياشاش ئۇسلۇبىنى يارىتىپ، خاراكتېرنى تاۋلاپ، زېھنىنى ئويغىتىپ، جەمئىيەت كەيپىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش لازىم . تېخىمۇ ساغلام ھەم ئەلا سۈپەتلىك تور ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنى يارىتىش كېرەك . جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ، تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىش ،جەمئىيەت قاتنىشىش، مەركىزىي نۇقتىنى تۆۋەنگە يۆتكەش، ئورتاق قۇرۇش ۋە ئورتاق بەھرىمەن بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ؛ جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ قاپلاش دائىرىسى ۋە تەدبىقلاشچانلىقىنى ئۆستۈرۈش لازىم. مەدەنىيەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ ، زامانىۋى مەدەنىيەت كەسپى سىستېمىسى ۋە بازار سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ، تۈرلۈك مەدەنىيەت بازىرى سۇبيېكتلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا تۈرتكە بولۇپ ، يېڭىچە مەدەنىيەت ھالىتى ۋە مەدەنىيەت ئىستېمال ئەندىزىسىنى يېتىلدۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك مەدەنىيەت تەمىناتى ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەتكە بولغان ئېرىشىش تۇيغۇسىنى،بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش لازىم . مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش ئىجادىي ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇش كېرەك .

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ ، ئوبيېكتنى پەرق ئېتىپ ، توغرا تەدبىر قوللىنىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلىپ ، تونۇشتۇرۇپ ، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ھېكايىسى ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كۈرەش قىلىش ھېكايىسى، جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىش ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ھېكايىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياخشى سۆزلەپ؛ دۇنيانى جۇڭگونى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش لازىم. جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى − جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت يىلتىزى ، ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدىيە ـ قاراش ، ئىنسانىي روھ، ئەخلاق ئۆلچىمى بىز جۇڭگولۇقلارنىڭ ئىدىيە ۋە روھىمىزنىڭ يادروسى بولۇپلا قالماستىن ، ئىنسانىيەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا مۇھىم قىممىتى بار . مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ مەنىۋى بەلگىسىنى تاۋلاپ چىقىش ،نامايەن قىلىش؛ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ ھازىرقى زامان قىممىتى ، دۇنياۋى ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان مەدەنىيەت جەۋھىرىنى تاۋلاپ چىقىش ۋە نامايەن قىلىش لازىم . خەلقئارا تارقىتىش خىزمىتى ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ، يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلىپ ، يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ ، تېخىمۇ كۆپ بايلىق ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش لازىم .

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ تەشۋىقات ، ئىدىيە خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ ، پارتىيە تەشۋىقاتنى باشقۇرۇش ، پارتىيە ئىدېئولوگىيەنى باشقۇرۇشتا بايرىقى روشەن ھالدا چىڭ تۇرۇش لازىم . پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ ، تۆت ئاڭنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى مەھكەم ئىگىلەش كېرەك . ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ ، تۆت ناتوغرا ئىستىل بولۇپمۇ شەكىلۋازلىق ، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈزىتىش لازىم . تەشۋىقات - ئىدىيە كادىرلىرى يېڭى بىلىملەرنى ئۈزلۈكسىز ئىگىلەپ ، يېڭى ساھەلەرنى پىششىق بىلىپ ، يېڭى نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ ، ماھارەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، قەدەم قۇۋۋىتى، كۆرۈش قۇۋۋىتى ، مېڭە قۇۋۋىتى، قەلەم قۇۋۋىتىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ؛ سىياسىي جەھەتتە قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ، ماھارىتى يۇقىرى، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەيدىغان ، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان تەشۋىقات ، ئىدىيە خىزمىتى قوشۇنىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش لازىم.

ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى : باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆزىدە يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ ، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيەنىڭ تەشۋىقات ، ئىدىيە خىزمىتىدىكى تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى چوڭقۇر يەكۈنلىدى؛ يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيەنىڭ تەشۋىقات ، ئىدىيە خىزمىتىنىڭ تارىخىي ئورنى ۋە بۇرچى ، ۋەزىپىسىنى چوڭقۇر شەرھلىدى. بىر يۈرۈش يۆنىلىشلىك، تۈپ خاراكتېرلىك، ئومۇمىيلىق، ئىستراتېگىيەلىك زور مەسىلىلەرگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىپ؛ يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيەنىڭ تەشۋىقات ، ئىدىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى . سۆزدە ئومۇملۇق ئىگىلەندى ، يىراققا نەزەر سېلىندى . سۆزنىڭ مەزمۇنى مول، ئىدىيەسى چوڭقۇر بولۇپ يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيەنىڭ تەشۋىقات ، ئىدىيە خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت ھېسابلىنىدۇ. بىز ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى سۆزنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئاتلىنىشىمىز لازىم ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك .

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خۇاڭ كۈنمىڭ خۇلاسە سۆز قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ ، باش شۇجى شى جىنپىڭ تەشۋىقات ، ئىدىيە خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ، تۆت ئاڭنى كۈچەيتىپ ، تۆت ئىشەنچنى مۇستەھكەملەپ،يېڭى ۋەزىيەتتە تەشۋىقات ، ئىدىيە خىزمىتىنىڭ بۇرچى ، ۋەزىپىسىنى ئاڭلىق زىممىمىزگە ئېلىپ؛ جاسارەت بىلەن ئىسلاھ قىلىپ ، يېڭىلىق يارىتىپ؛ مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئىلىپ، تەشۋىقات ، ئىدىيە خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا كۈچ چىقىرىپ ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى كاپالەت ۋە قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلىشىمىز لازىم.

مەركىزىي تور ئۇچۇر ئىشخانىسى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، خەلق گېزىتى، مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ، بېيجىڭ شەھىرى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىندا سۆز قىلدى . جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى ، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى يىغىنغا قاتناشتى . مەركىزىي ئىدىيەۋى تەشۋىقات خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى ، ھەر قايسى ئۆلكە ۋە پىلانى ئايرىم تۈزۈلىدىغان شەھەرلەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، مەركەز تەشۋىقات - مەدەنىيەت سىستېمىسىدىكى ئورۇنلار ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ، مۇناسىۋەتلىك خەلق تەشكىلاتلىرى ، مەركەز باشقۇرىدىغان پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرى ، قىسمەن مۇھىم دۆلەت كارخانىلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەر ، ئارمىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.