UYNTV

رۇسىيە: ئەنگلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ قارا دېڭىزدا رۇسىيە ئايروپىلانىنى ئىز قوغلىغانلىقى خەتەرلىك ھەرىكەت

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 28-08-2018 11:59

A-A+

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 27-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:

 

رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن : ئەنگلىيە قىرغۇچى ئايروپىلان ئارقىلىق قارا دېڭىز ھاۋا بوشلۇقىدا رۇسىيەنىڭ ئايروپىلانىنى ئىز قوغلىغانلىقى، ئىغۋاگەرچىلىك ۋە خەتەرلىك ھەرىكەت.

 

ئۇ مۇنداق دېدى : نۆۋەتتىكى ۋەقە ئەنگلىيە ھاۋا ئارمىيەسى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باشقا قىسىملىرىنىڭ، رومىنىيە، پولشا ۋە بالتىق دېڭىزى بويىدىكى دۆلەتلەردە ئورۇنلاشتۇرۇش تەشەببۇسنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ خىل ھەربىي مەۋجۇتلۇق، باشقا بىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىپلا قالماستىن، ئەمەلىيەتتە، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىغۋاگەرچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى، بۇ ھەقىقەتەن خەتەرلىك.

 

بۇ دىپلوماتىيە ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: رۇسىيە ئارمىيەسى بارلىق ھەرىكىتىدە خەلقئارا قانۇنغا قاتتىق رىئايە قىلدى، ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھېچقانداق تەھدىت ئېلىپ كەلمىدى.

 

 

 

مۇناسىۋەتلىك ئولانمىلار