UYNTV

ئامېرىكا ھەرىكەت دائىرىسىنى رۇسىيەگە يېقىن دېڭىزغىچە كېڭەيتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 28-08-2018 11:56

A-A+

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 27-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:

 

يېقىندىن بۇيان، ئەمەلدىن قالدۇرۇلغىنىغا يەتتە يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت بولغان ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئىككىنچى پاراخوت ئەترىتىنىڭ ئىشتاتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ئۇرۇش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جون رىچارد 24-ئاۋغۇست مۇنۇلارنى بىلدۈردى : يېقىندا قايتىدىن قۇرۇلغان ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ 2-فىلوتىنىڭ ھەرىكەت رايونى شىمالى قۇتۇپنى قاپلاپ، بارېنتس دېڭىزىغا يېتىپ كەلدى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ تەدبىرنىڭ مەقسىتى،ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى قايتا قوزغىغان چوڭ دۆلەتلەر رىقابىتىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىكەن. ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئىككىنچى فىلوتىنىڭ ئەنئەنىۋى ۋەزىپە رايونى ئامېرىكىنىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقىغا يېقىن بولغان ئاتلانتىك ئوكياننىڭ غەربىي شىمال قىسمى. لېكىن، ھەربىي خىراجەت ئازايغان ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيتى تۆۋەنلىگەنلىكى ئۈچۈن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2011-يىلى ئۇلارنىڭ ئىشتاتى ئەمەلدىن قالدۇرغان.

 

 

 

مۇناسىۋەتلىك ئولانمىلار