UYNTV

جۇڭگو مالدىۋې دوستلۇق كۆۋرۈكىدە رەسمىي قاتناش باشلاندى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 31-08-2018 18:02

A-A+

مالدىۋې زۇڭتۇڭى يامىئېن بىلەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋەكىلى ، دۆلەت خەلقئارا تەرەققىيات ھەمكارلىق مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ تاۋ شۇ كۈنى كەچتە كۇنۇپكىنى بىرلىكتە باستى.يامىئېن يوپۇق ئېچىش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن مالدىۋې دوستلۇق كۆۋرۈكى ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك دوستلۇقىنىڭ سىمۋولى، ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنىڭ ئابىدىسى. جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ مالدىۋېغا ياردەم بېرىپ ، مالدىۋې خەلقىنىڭ دېڭىز ھالقىغان چوڭ كۆۋرۈكىنى قۇرۇشتەك 100 يىللىق ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن . مالدېۋى جۇڭگو بىلەن بىر بەلباغ ، بىر يولنى بىرلىكتە قۇرۇپ، تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى خالايدۇ .

جۇڭگو -مالدىۋې دوستلۇق كۆۋرۈكى ئىككى دۆلەتنىڭ 21 - ئەسىر دېڭىز يىپەك يولىنى بىرلىكتە قۇرۇش ساھەسىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك تۈرى، كۆۋرۈكنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2000 مېتىر بولۇپ ، مالدىۋېنىڭ پايتەختى مالې بىلەن ئايرودۇرۇمنى تۇتاشتۇرىدۇ ، ئىشلىتىش ئۆمرى 100 يىل . كۆۋرۈك پۈتكەندىن كېيىن ، مالېنىڭ تۇرمۇش ۋە ، ئولتۇراقلىشىش چەمبىرىكى ھاسىل قىلىپ مالې ئارىلىنىڭ ئولتۇراقلىشىش بېسىمنى يېنىكلىتىدۇ ، ساياھەتچىلەرنىڭ قۇرۇقلۇق يولى ئارقىلىق مالې بىلەن ئايرودۇرۇم ئارىلىغا بېرىپ كېلىشىنى قولايلاشتۇرىدۇ .