UYNTV

ئىسرائىلىيە پاراگۋايدىكى باش ئەلچىخانىسىنى تاقايدىغانلىقىنى جاكارلىدى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 07-09-2018 13:07

A-A+

ئىسرائىلىيە زۇڭلى ئىشخانىسى 9-ئانىڭ 5-كۈنى كەچتە بايانات ئېلان قىلىپ: ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ پاراگۋايدىكى باش ئەلچىخانىنى تاقاش ھەمدە پاراگۋايدىكى باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كېلىش ھەققىدە يوليورۇق بەردى دېدى.

ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پاراگۋاي 9-ئاينىڭ 5-كۈنى ئىسرائىلىيەدىكى ئەلچىخانىسىنى ئېرۇسالىمدىن تىلئاۋىفقا يۆتكەشنى قارار قىلغان. باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: ئىسرائىلىيە پاراگۋاينىڭ بۇ «ئادەتتىكىدىن تاشقىرى» قارارىنى «ناھايىتى ئېغىر ئىش» دەپ قارايدۇ، بۇ ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىگە كۆلەڭگە پەيدا قىلىدۇ.