UYNTV

تىرامپ: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كېڭىشى يىغىنى مەزگىلدە ئىران زۇڭتۇڭى بىلەن كۆرۈشۈشۈم مۇمكىن

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 07-09-2018 13:11

A-A+

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ 9-ئاينىڭ 5-كۈنى: مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كېڭىشى يىغىنىغا قاتناشقان مەزگىلدە ئىران زۇڭتۇڭى روھانىي بىلەن كۆرۈشۈشۈم مۇمكىن دېدى.

تىرامپ شۇ كۈنى زىيارەتكە بارغان كۇۋەت ئەمرى ساباھ بىلەن كۆرۈشتىن بۇرۇن يۇقىرىقىلارنى بىلدۈردى. تاراتقۇلار ئۇنىڭ روھانىي بىلەن كۆرۈشۈشى ھەققىدە سوئال سورىغاندا تىرامپ مۇنداق دېدى: ھەر قانداق ئىش يۈز بېرىشى مۇمكىن، ئامېرىكا ئەھۋالغا قاراپ ئاندىن بېكىتىدۇ، ئىراننىڭ ئامېرىكا بىلەن سۆھبەتلىشىشنى خالاش خالىماسلىقى ئىرانغا باغلىق، شەخسەن مەن ئىران رەھبىرى بىلەن ئۇچرىشىشنى مەڭگۈ خالايمەن.