UYNTV

ئىران ياۋروپانى ئامېرىكىنىڭ بېسىمىغا پائال تاقابىل تۇرۇپ، ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىنى قوغداشقا دەۋەت قىلدى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 07-09-2018 13:12

A-A+

ئىراننىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئابباس ئاراچ 9-ئاينىڭ 5-كۈنى ياۋروپانىڭ ئامېرىكىنىڭ بېسىمىغا پائال تاقابىل تۇرۇپ، ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىنى قوغدىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

ئىران دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاراچنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: ياۋروپا دۆلەتلىرى ئامېرىكىنىڭ ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىش قىلمىشىغا سىياسىي جەھەتتە قەتئىي قارشى تۇرۇشى ھەمدە ھەقىقىي ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ ئىراننىڭ ئىران يادرو كېلىشىمىدىكى مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ئاراچ: ناۋادا ئىراننىڭ مەنپەئەتى قوغدالمىسا، ئىران ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىدۇ دەپ قايتا تەكىتلىدى.