UYNTV

كىم جۇڭئۇن چاۋشيەننىڭ يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇش ۋە شىمال-جەنۇب مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى ئىرادىسىنى تەكىتلىدى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 07-09-2018 13:14

A-A+

چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئۇن 9-ئاينىڭ 5-كۈنى زىيارەتكە بارغان كورېيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىلەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشكەندە چاۋشيەننىڭ چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە كورېيە تەرەپ بىلەن مۇشۇ ئايدا پىيوڭياڭدا ئۆتكۈزۈش بېكىتىلگەن شىمال-جەنۇب باشلىقلار ئۇچرىشىشىغا ئالاقىدار كۈنتەرتىپ ۋە قارالمىلار ھەققىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

چاۋشيەن مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ 9-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، كىم جۇڭئۇن شۇ كۈنى چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ باش ئورگىنى بىناسىدا كورېيە ئالاھىدە ئەلچىلەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشكەندە: چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدىكى قوراللىق توقۇنۇش خەۋپى ۋە ئۇرۇش ۋەھىمىسىنى تەلتۆكۈس تۈگىتىپ، بۇ زېمىننى يادرو قورالى ۋە يادرو تەھدىتى بولمىغان تىنچ ماكانغا ئايلاندۇرۇش-چاۋشيەننىڭ قەتئىي مەيدانى ۋە شەخسەن مېنىڭ ئىرادەم دېگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، شىمال بىلەن جەنۇب تېخىمۇ پائال تىرىشىشى كېرەك.