UYNTV

قاناس قوغۇنى پۈتۈن مەملىكەتكە يەتكۈزۈلدى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 10-09-2018 22:36

A-A+

كۈندە چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ بۇرچىن ناھىيەسىدىكى بىر تاشيولنىڭ ياقىسىغا ساياھەت ئاپتوبۇسلىرى، پىكاپلار تىزىلىپ، كىشىلەر مىغ-مىغ بولۇشۇپ كېتەتتى. بۇ جاي «شېرىن جاي» دەپ ئاتىلىدىغان قوغۇن بازىرى بولۇپ، قوغۇنلارنىڭ خۇش پۇرىقى نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدۇ.

شىنجاڭدىكى نۇرغۇن داڭقى چىققان مېۋە-چېۋە ماكانىغا سېلىشتۇرغاندا، بۇرچىن ناھىيەسى ۋويمۇق بازىرى توقۇمۇت كەنتىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ، بۇ يەردىكى مېۋىلەرمۇ ئۇزاقتىن بېرى سىرتقا چىقىرىلىپ باقمىغان. ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى ئىدارىسىنىڭ كادىرى لى جۇڭ يى: بىزنىڭ بۇ جاي كۆل ۋە سۇلۇق يەرگە يېقىن بولغاچقا، ھاۋارايى باشقا جايلارغا قەتئىي ئوخشىمايدۇ، قوغۇن تېرىشقا تازا باب كېلىدۇ، قوغۇننىڭ شېكەر نىسبىتى 17-21 ئوتتۇرىسىدا بولغاچقا، سورتلۇق قوغۇن ھېسابلىنىدۇ، دېدى.

بۇ قوغۇن بازىنى تەپسىلىي كۆزەتكەندە، دۇكانلارنىڭ رەتلىك تىزىلغانلىقىنى، قوغۇن سورتلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، باھانىڭ ئۈنۈملۈك كونترول قىلىنغانلىقىنى بايقىغىلى بولىدۇ. تامغا ئېسىلغان تەشۋىقات قەغەزلىرى ۋە يەشىكلەرگە قوغۇننىڭ سالاھىيىتى يەنى «قاناس قوغۇنى» دېگەن ماكار بېسىلغان ئىدى.

دۆلەتلىك بەش A دەرىجىلىك ساياھەت رايونى بولغان قاناس ھازىر ساياھەت يۇقىرى دولقۇنىنى كۈتۈۋالدى، 2018-يىلىدا كۈتۈۋېلىنىدىغان ساياھەتچى 6 مىليونغا يېتىشى مۇمكىن، 8-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە، 3 مىليون 5300 ساياھەتچى كۈتۈۋېلىنىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %31 ئاشتى. ساياھەت بۇنداق قىزىغان مەزگىلدە، قاناس قوغۇنى ساياھەتچىلەر ۋە يەرلىك كەنت ئاھالىلىرىنى ئۈمىدسىزلەندۈرمىدى.

قاناس ساياھەتچىلىكىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، شېرىن جاي قوغۇن بازىرى يولدىكى ساياھەتچىلەرگە مۇلازىمەت قىلىپلا قالماستىن يەنە تېز يوللانما ۋە ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق قاناس قوغۇنىنى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا يەتكۈزدى.

چاچلىرىغا ئاق كىرگەن قوغۇن سودىگىرى شۈ مېييا ئۈندىدار سودىسىغا پىشىپ كەتكەن ئىدى، ئۇ: بىزنىڭ دۇكىنىمىزدىن قوغۇن سېتىۋالغان ساياھەتچىلەر بىزنى ئۈندىدارىغا قوشۇۋالىدۇ، ساياھەتتىن قايتقاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق قوغۇن سېتىۋالىدۇ، بىز كۈنىگە نەچچە ئون يېشىك قوغۇن سالىمىز، دېدى.

قاناس قوغۇنى قاناسنىڭ ساياھەتچىلىكى ۋە يەرلىك دېھقانلارنىڭ ئومۇمىي ئۆزگىرىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.