UYNTV

چاۋشيەن ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈپ دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىدى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 10-09-2018 18:20

A-A+

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

چاۋشيەن تۈنۈگۈن پىيوڭياڭدا كاتتا ھەربىي پارات ۋە ئاممىۋى زىننەت ماشىنا نامايىشى ئۆتكۈزۈپ، دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئۇن پارتىيە ھۆكۈمەت ئارمىيە رەھبەرلىرىنى باشلاپ پائالىيەتكە قاتناشتى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن نەچچە يۈز چەتئەللىك مېھمان، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ چاۋشيەندىكى باش ئەلچىلىرى، چەتئەللەردىكى چاۋشيەنلىكلەر ۋەكىللىرى قاتناشتى.

چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى دېڭىز قۇرۇقلۇق ھاۋا ئارمىيەسى ھەمدە ئىشچى-دېھقانلار قىزىل گىۋاردىيەسى، ئوقۇغۇچى ئەسكەرلەر، ئايال ئەسكەرلەر قاتارلىق ئون نەچچە سەپ رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىدىن تەرتىپ بويىچە ئۆتتى، بىرونېۋىك، تانكا، زەمبىرەك، كۆپ ئىستۋوللۇق راكېتامىيوت قاتارلىق قورال-جابدۇقلارمۇ پاراتقا قاتناشتۇرۇلدى. چاۋشيەننىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بوشلۇقتا ماھارەت كۆرسەتتى، 15 ئايروپىلان بوشلۇقتا «70» دېگەن شەكىلنى ھاسىل قىلدى، بەش ئايروپىلان پۈركۈش ئارقىلىق چاۋشيەننىڭ قىزىل، ئاق، كۆك رەڭدىن تەركىب تاپقان دۆلەت بايرىقىنى ھاسىل قىلىپ پائالىيەتنى تەبرىكلىدى.

ھەربىي پارات ئاياغلاشقاندىن كېيىن، چاۋشيەن ئاممىسى قوللىرىغا رەڭلىك بايراق ۋە گۈللەرنى ئېلىپ زىننەت ماشىنا بىلەن كىم ئېرسىن مەيدانىدىن ئۆتتى. ماشىنىغا كىم ئېرسىن بىلەن كىم جۇڭئېلنىڭ ھەيكىلى ھەمدە چاۋشيەننىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش مۇۋەپپەقىيەتلىرى مەدھىيەلىگەن بېزەكلەر قويۇلغان بولۇپ پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ 4-ئايدىكى يىغىنىدا قارار قىلغان ۋەتەننىڭ بىرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولغان ئىرادىسى ۋە ئۈمىدى ھەققىدىكى ئارزۇسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

نامايىش ئاياغلاشقاندىن كېيىن كىم جۇڭئۇن رەئىس سەھنىنىڭ ئىككى تەرىپىگە مەخسۇس بېرىپ ئەزىز مېھمانلار ۋە ئاممىغا قول پۇلاڭلىتىپ ئېھتىرام بىلدۈردى. مەيداندا مۇزىكا ساداسى ياڭرىدى، كىشىلەر ئىنقىلابىي ناخشىلارنى ئۈنلۈك ئېيتتى.

پۈتكۈل ھەربىي پارات ۋە ئاممىۋى نامايىش ئىككى سائەت داۋاملاشتى.

 

مۇناسىۋەتلىك ئولانمىلار