UYNTV

چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلارغا ھال سوراش خېتى يازدى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : شىنجاڭ گېزىتى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 10-09-2018 22:35

A-A+

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى. 34 – قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 9 – ئاينىڭ 9 – كۈنى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىگە ھال سوراش خېتى يېزىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار، مائارىپ خىزمەتچىلىرى، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچى، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ھەمدە مائارىپقا ياردەم بېرىۋاتقان كەڭ خىزمەتچىلەرنىڭ بايرىمىنىڭ خۇشال – خۇرام ئۆتۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى، كۆپچىلىكتىن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى تىرىشىپ يارىتىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلدى. ھال سوراش خېتىنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار، مائارىپ خىزمەتچىلىرى ۋە دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچى، ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە:

 

  ئالتۇن كۈز مەزگىلىدە، خۇش پۇراقلار ھەممە يەرنى قاپلىدى. 34 – قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، بىز ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار، مائارىپ خىزمەتچىلىرى ۋە دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچى، ئىشچى – خىزمەتچىلەر، شىنجاڭنىڭ ئىچى – سىرتىدىكى مائارىپقا ياردەم بېرىۋاتقان كەڭ خىزمەتچىلەرنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەيمىز، ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورايمىز ۋە ئۇلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمىز! شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەن، قوللىغان، ياردەم بەرگەن جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەلەرگە چىن قەلبىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز.

 

  100 يىللىق زور پىلاندا مائارىپ ئاساس؛ مائارىپ زور پىلانىدا ئوقۇتقۇچى ئاساس. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ‹‹مائارىپتا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش ـــ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى ئۇل قۇرۇلۇش، چوقۇم مائارىپ ئىشلىرىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، مائارىپ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مائارىپنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى تېزلىتىپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇش كېرەك››. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ ئوقۇتقۇچى ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرى باشتىن – ئاخىر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت شەرەپلىك بۇرچنى ھەر ۋاقىت ئەستە چىڭ تۇتۇپ، ئۈن – تىنسىز جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، باشقىلارغا شوتا بولۇپ، تىرىشىپ ئىلىم بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئوقۇتۇشتا ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، غەربىي شىمال چېگرا رايونىدا يىلتىز تارتىپ، ئۈچ چى كېلىدىغان دەرس مۇنبىرىدە تۆھپە قوشۇپ، قېتىرقىنىپ ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەپ، مېھرىبانلىقى، بىلىمى، ئەقىل – پاراسىتى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىنى يورۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئالغا سىلجىتىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تۈركۈم – تۈركۈملەپ مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ، قان – تەر سىڭدۈردى، ئەقىل – پاراسىتىنى تەقدىم قىلدى، باشقىلار ئورنىنى باسالمايدىغان مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت سىلەرگە رەھمەت ئېيتىدۇ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلق سىلەرگە رەھمەت ئېيتىدۇ!

 

  نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن – تۆۋەنگىچە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ پارلاق يېتەكچىلىكىدە، بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ چوڭقۇر يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئومۇملۇق مۇقىم بولغان، ۋەزىيەتنى كونترول قىلغىلى بولىدىغان، ۋەزىيەت ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن ھالەت نامايان قىلىندى. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداش، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش  ـــ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تەقەززاسى، بۇنىڭ تۈپ ئاساسى ئادەمدە، ئاچقۇچى مائارىپتا. ئوقۇتقۇچى ئوقۇتۇشنىڭ ئاساسى، مائارىپنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مەنبەسى بولۇپ، بىلىم تارقىتىش، ئىدىيە تارقىتىش، ھەقىقەتنى تارقىتىشتىن ئىبارەت تارىخىي بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان، روھنى يارىتىش، ھاياتلىقنى يارىتىش، ئادەمنى يارىتىشتىن ئىبارەت دەۋرنىڭ ئېغىر ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالغان. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىنىڭ غايە – ئېتىقادنى چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا سادىق بولۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىلىرىدىن، سادىق ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن، ئاكتىپ تارقاتقۇچىلىرىدىن بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا پارتىيەگە بولغان رىشتىسى، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئىرادىسىنى ئارزۇ تۇرغۇزۇش، ئارزۇغا ئىنتىلىش، ئارزۇنى روياپقا چىقىرىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشلارغا سىڭدۈرۈش توغرىسىدا تەربىيە بېرىشى ۋە يېتەكلىشىنى؛ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئاۋانگارتلاردىن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا ئۈلگىلەردىن بولۇپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› بىلەن بولغان چەك – چېگرانى ئېنىق ئايرىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، دادىل ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، دادىل كۈرەش قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىش، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش››نى كۈچەيتىش، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇش توغرىسىدا تەربىيە بېرىشى ۋە يېتەكلىشىنى؛ ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، باشقىلارغا ئۇستاز، ھەرىكەتتە ئۈلگە بولۇپ، نام – ئاتاققا بېرىلمەي، ئىرادىلىك بولۇش، تۆھپە قوشۇشنى خۇشاللىق دەپ بىلىش، باشقىلارغا شوتا بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹ئۈچكە كىرىش، ئىككى بىلەن ئالاقىلىشىش، بىر بىلەن دوستلىشىش›› پائالىيىتىنى ۋاسىتە قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا چىن كۆڭلىدىن كۆيۈنۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى ھەقىقىي مېھرى بىلەن ھۆرمەتلەپ، ئوقۇغۇچىلارغا سەمىمىي ياردەم بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنى كىشىلىك ھاياتنىڭ يۆنىلىشىنى ياخشى ئىگىلەش، كىشىلىك تۇرمۇشتىكى بىرىنچى تۈگمىنى ياخشى ئېتىشكە ئۈن – تىنسىز يېتەكلىشىنى؛ بىلىم ئاساسىنى پۇختىلاپ، ئاڭلىق ئۆگىنىش، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىش، بىر ئۆمۈر ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاقلىق كىشىلەردىن ئۆگىنىش، تىرىشچان بولۇش، تەپەككۇر قىلىشقا ماھىر بولۇش، ئوقۇتۇشتا ئەستايىدىل ھەم ئېھتىياتچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ئوقۇتۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، پەزىلەتلىك، كەسىپتە كامالەتكە يەتكەن، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، ھاياتىي كۈچكە تولغان يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈشى ۋە بەرپا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

 

  ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت باشتىن – ئاخىر مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرىدىغان مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىنى باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئوقۇتقۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتىنى ياخشىلاپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداپ، ئوقۇتقۇچىلارغا ھۆرمەت قىلىش، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىشنى ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلاندۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلىقنى جەمئىيەتتىكى ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر كەسىپكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

 

  يېڭى دەۋردە يېڭى مەسئۇلىيەت، يېڭى نەتىجە بولۇشى كېرەك. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 –، 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، پۇختا خىزمەت قىلىپ، مەڭگۈ بوشاڭلىق قىلماسلىق روھىي ھالىتى ۋە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىنتىلىشتەك كۈرەش ھالىتى بىلەن، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى تىرىشىپ يارىتىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشايلى.

 

   پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار، مائارىپ خىزمەتچىلىرى، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچى، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ھەمدە مائارىپقا ياردەم بېرىۋاتقان كەڭ خىزمەتچىلەرنىڭ بايرىمىنىڭ خۇشال – خۇرام ئۆتۈشى، تېنىنىڭ سالامەت، خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق، ئائىلىسىنىڭ بەختلىك بولۇشىغا چىن كۆڭلىمىزدىن تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز!

 

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىدىن

 

  چېن چۈەنگو

 

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىدىن

 

  شۆھرەت زاكىر

 

  2018– يىل 9 – ئاينىڭ 9 – كۈنى