UYNTV

جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقى كىشىلەرنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتمەكتە

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 11-09-2018 18:33

A-A+

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ ياخشى بولغان-بولمىغانلىقىدا، جۇڭگو-ئافرىقا خەلقىنىڭلا سۆز قىلىش ھوقۇقى بار. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2018-يىللىق جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان باش مەقسەتلىك سۆزى كەڭ ئىنكاس قوزغىدى. جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ كۆرۈنەرلىك نەتىجىلىرى جۇڭگو-ئافرىقا خەلقىنىڭ ئەمەلىي ئېرىشىش تۇيغۇلىرىدا نامايان بولدى، بۇ كائىناتقا، بولۇپمۇ كىشىلەر قەلبىگە يېزىلغان جاۋاب.

ئافرىقا قۇرۇقلۇقىدا، 28 ياشقا كىرگەن تانزانىيەلىك ياش چىتما جۇڭگو ياساۋاتقان دېھقانچىلىق مەيدانىدا ئىشلەيدۇ، ئۇ كەلگۈسىدە بۇ دېھقانچىلىق مەيدانىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئۆتكۈزۈۋېلىشى مۇمكىن؛ ئۇگاندادىكى يەرلىك رېژىسسور ئىساك نابۋانا جۇڭگو ئافرىقىغا ياردەم بەرگەن «ھەممە كەنتلەرنى قاپلاش» تۈرىدىن پايدىلىنىپ، گۇمپا فىلىمى ئىشلەش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى؛ ئېفئوپىيەلىك قىزچاق سىمرىت ئەددىسئەبىبە-جىبۇتى تۆمۈر يولىدا ياردەمچى پويىز باشلىقى بولدى...... جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقى سەۋەبىدىن، بارغانسېرى كۆپلىگەن ئافرىقىلىقلار ئارزۇسىغا يەتتى.

ئافرىقىدىن يىراق جۇڭگودا، جۇڭگولۇق ئىستېمالچىلار توردىن ئافرىقىنىڭ ئۆزگىچە مەھسۇلاتلىرىنى تاللاپ سېتىۋالىدۇ، ئافرىقا دۇمبىقى، ماراكەشنىڭ چاچ ئاسراش مېيى، ئافرىقىنىڭ قىزىل چېيى، سوپۇنى قاتارلىقلار بازارلىق تاۋارلار ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگو ئۇدا كۆپ يىل ئافرىقىنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى بولدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يەتتە ئېيىدا، جۇڭگودىن ئافرىقىغا ساياھەتكە بارغانلار بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %70 كۆپەيدى، ئافرىقا يېڭى قىزىق ساياھەت مەنزىلىگە ئايلىنىپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ تۇرمۇشىغا يېڭى تۈس قوشتى.

جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ مول نەتىجىلىرى ھەققانىيەت ۋە مەنپەئەتكە تەڭ ئەھمىيەت بەرگەن، ھەققانىيەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان توغرا ھەققانىيەت-مەنپەئەت قارىشىدىن بولغان. رەئىس شى جىنپىڭ: ئافرىقىلىق قېرىنداشلارغا ۋەدە بەرگەن ئىشلارنى جەزمەن كۈچىمىزنىڭ بېرىچە ياخشى قىلىشىمىز كېرەك، دېگەن. ئافرىقىغا نەزەر سالغىنىمىزدا، بۇ ۋەدىنى نەقلەشتۈرگەن مىساللارنىڭ كۆپلۈكىنى بايقايمىز. لىنىيە بويىدىكى رايونلارغا تەرەققىيات ۋە گۈللىنىش ئېلىپ كەلگەن مونباسا-نايروبى تۆمۈر يولى، يېڭىدىن ياسالغان سانائەت باغچىسى، تاشيول، ئايرودۇرۇم ۋە پورتلار، ئاممىنى بەخت-سائادەتكە ئىگە قىلغان دوختۇرخانا، مەكتەپ ۋە تەنتەربىيە مەيدانلىرى......جۇڭگو ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ نامراتلارنى ئازايتىشى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىغا چىن كۆڭلىدىن ياردەم بېرىپ، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ تېزلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ھەمكارلىق نەتىجىلىرىدىن جۇڭگو-ئافرىقا خەلقىگە نەپ يەتكۈزدى. بۇرۇنقى مۇستەملىكىچىلەر ئافرىقىدا كان ئورەكلىرى ۋە ئاسارەتلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن بولسا، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقى ئافرىقىغا ئۇل ئەسلىھە، كەسىپ سىستېمىسى ۋە ئۈمىدكە تولغان كەلگۈسى ئېلىپ كەلدى.

ھەقىقىي ئىش قىلغاندىلا ئاندىن كۆڭۈل يېقىن بولىدۇ. جۇڭگو ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتىغا ھەقىقىي ياردەم بېرىپ، ئافرىقىنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىيات تېز پويىزىغا چىقىۋېلىشىغا كەڭ قۇچاق ئېچىپ، ئافرىقا ئەللىرى ۋە خەلقىنىڭ ئىشەنچىسى ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى. كىشىلەر دىققەت قىلدىكى، بۇ قېتىمقى جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن رەھبەرلەر جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقىغا قارا سۈركىگەن ئۆسەك سۆزلەرگە ئارقا-ئارقىدىن رەددىيە بەردى.

بوتسۋانا زۇڭتۇڭى موكۋېتسى ماسىسى بىر ئۇچۇم كىشىلەرنىڭ جۇڭگو ئافرىقىدا «يېڭى مۇستەملىكىچىلىك» يۈرگۈزۈۋاتىدۇ، «قەرز قىلتىقى» قۇرۇۋاتىدۇ دېگەن سۆزلىرىگە رەددىيە بېرىپ: جۇڭگو ئەزەلدىن ھېچقانداق ئافرىقا دۆلىتىنى مۇستەملىكە قىلىپ باقمىدى، دېدى. سېنېگال زۇڭتۇڭى سال ئوچۇق قىلىپ مۇنداق دېدى: ئافرىقا ئەللىرى ھېچقانداق شاۋقۇننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماي، جۇڭگو بىلەن بۇرۇنقىدەكلا بىر-بىرىنى قوللاپ، بىر-بىرىگە ياردەم بېرىدۇ. ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى، رىۋاندا زۇڭتۇڭى كاگامى مۇنداق دېدى: ئافرىقا-جۇڭگو ھەمكارلىقىنىڭ پايدىسى ئەمەلى، ئافرىقىغا مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرىدىغان ھەرقايسى تەرەپلەرگە پايدىلىق. ئافرىقا خەلقى جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ ئافرىقىغا تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كەلگەنلىكىگە گۇۋاھ بولدى، بەزى شاۋقۇن-سۈرەنلەرگە قارىتا، ئافرىقىنىڭ ساداسىغا قۇلاق سالساق، «ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش» ئورتاق تونۇشى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ، بۇ كىشىلەر قەلبىنىڭ تەۋرەنمەس مايىللىقى، چوڭ يۈزلىنىش.

بۈگۈنكى كۈندە، ئافرىقىدا مۇھەببەتلىشىۋاتقان ياكى توي قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان ئافرىقىلىق يىگىتلەر لايىقىغا تېكنو يانفونى سوۋغا قىلىدۇ. بۇ «ئاجايىپ مۇھەببەتلىشىش قورالى»نى ئىشلەپچىقارغان تېكنو شىركىتىنىڭ ھازىر 38 ئافرىقا دۆلىتىدە شۆبىسى بار، شۇ جايدىكى خىزمەتچىسى 10 مىڭدىن ئاشىدۇ، خىزمەتچىلەرنىڭ يەرلىكلىشىش نىسبىتى %90تىن يۇقىرى. «ھەمراھلىق ئەر يېڭىلمەس»، جۇڭگو كارخانىسىنىڭ ئېفئوپىيەدىكى زاۋۇتىنىڭ تېمىغا چاپلانغان بۇ بىر جۈملە سۆز جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىشىنىڭ جانلىق كارتىنىسى ئەمەسمۇ؟

جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىدا رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «سەككىز چوڭ ھەرىكەت»نى تاراتقۇلار جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ «دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن نۇسخىسى» دەپ ئاتىدى. بىرلىكتە تەقدىرداش بولۇپ، بىر نىيەتتە تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتقاندىلا، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ ئېسىل ھېكايىلەر بارلىققا كېلىپ، ئىككى مىليارد 600 مىليون كىشى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە بولىدۇ.