UYNTV

لىۋىيە ئارمىيە تەرەپ: ئىسلام دۆلىتى لىۋىيە دۆلەت نېفىت شىركىتىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 11-09-2018 18:15

A-A+

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

لىۋىيە ھەربىي تەرەپنىڭ بىر باياناتچىسى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى مۇنداق دېدى : ئەسەبىي تەشكىلات « ئىسلام دۆلىتى » شۇ كۈنى يۈز بەرگەن لىۋىيە دۆلەت نېفىت شىركىتىنىڭ باش ئىشتابىغا ھۇجۇم قىلىش دېلوسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. لىۋىيە ھەربىي تەرەپ باياناتچىسى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى لىۋىيەنىڭ شەرقىدىكى شەھەر بېنغازىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ھەربىي تەرەپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن سېزىلگەن دەلىل - ئىسپاتلاردىن ئىسلام دۆلىتىنىڭ بۇ قېتىمقى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى بايقىدى، بۇ قېتىمقى ھۇجۇم ئىلگىرى « ئىسلام دۆلىتى » پىلانلىغان تېررورلۇق ھەرىكىتى بىلەن نۇرغۇن ئوخشاشلىقلارغا ئىگە. ئۇ مۇنداق دېدى: خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، يېقىندا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تېررورلۇق ھۇجۇم يۈز بېرىش مۇمكىن، شۇڭا چوقۇم ھەر خىل گۇمانلىق ۋەقەلەردىن ھوشيار تۇرۇش كېرەك. 


 

مۇناسىۋەتلىك ئولانمىلار