UYNTV

شىنجاڭدا پىرژىۋالسكى ياۋا ئېتى 400 تۇياقتىن ئاشتى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : شىنجاڭ گېزىتى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 11-09-2018 13:00

A-A+

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 9-ئاينىڭ 7-كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىر دۇ گاڭ). 9-ئايدا، مۈشۈكئېيىقتىنمۇ ئەتىۋارلىق ھېسابلىنىدىغان پىرژىۋالسكى ياۋا ئېتىنىڭ كۆپىيىش مەزگىلى ئاخىرلىشىدۇ. ھازىرغىچە، پىرژىۋالسكى ياۋا ئېتىنىڭ شىنجاڭدىكى تۈر توپى 400 تۇياقتىن ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە دالىدا بېقىلىۋاتقان تۈر توپى 200 تۇياقتىن ئېشىپ، نىسپىي مۇقىم تەبىئىي توپنى شەكىللەندۈردى.

  شىنجاڭ ياۋا ئات كۆپەيتىش تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئالىي ئىنژېنېرى جاڭ خېفەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ ياۋا ئات كۆپەيتىش تەتقىقات مەركىزىدە يېڭىدىن 37 ‹‹ئايغىر›› تايچاق تۇغۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدە قوتاندا بېقىلىۋاتقان ياۋا ئاتلار 11نى، يېرىم دالىدا بېقىلىۋاتقان ياۋا ئاتلار ئالتىنى، دالىدا بېقىلىۋاتقان ياۋا ئاتلار 20نى قۇلۇنلىدى. ھازىرغىچە، شىنجاڭ پىرژىۋالسكى ياۋا ئېتىنىڭ تۈر توپى 411 تۇياققا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە دالىدا بېقىلىۋاتقان تۈر توپى 206 تۇياق، 18 توپقا ئايرىلغان بولۇپ، مۇقىم ئېشىش ھالىتىنى ساقلىغان. قوتاندا بېقىلىۋاتقان تۈر توپى 103 تۇياق، يېرىم دالىدا بېقىلىۋاتقان تۈر توپى 102 تۇياق ئىكەن.

  پىرژىۋالسكى ياۋا ئېتى ھازىر يەرشارىدا ياشاۋاتقان بىردىنبىر ياۋا ئات بولۇپ، ئاتنىڭ ئىپتىدائىي گېنىنى ساقلاپ قالغان، ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى جۇڭغار ئويمانلىقىدىن موڭغۇل ئېگىزلىكىنىڭ غەربىي جەنۇبىغىچە بولغان قاقاس ئوتلاق رايونىدا ياشىغان، ئات تۈرىدىكى ھايۋانلارنىڭ ئىرسىيەت كۆپ خىللىقىنى ساقلاپ قالغان، شۇنداقلا ئۆي ئېتى خۇسۇسىيىتىنى ياخشىلاش ۋە نەسىل يېتىشتۈرۈشتىكى ئەتىۋارلىق ھايۋانات تۈرى ھېسابلىنىدۇ. 19-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى، ئۇلار رۇسىيەلىك ئېكسپېدىتسىيەچى پىرژىۋالسكى تەرىپىدىن بايقالغان ھەم ‹‹پىرژىۋالسكى ئېتى›› دەپ نام بېرىلگەن، ھازىر ‹‹پىرژىۋالسكى ياۋا ئېتى›› دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.

  ئوۋلىنىش ۋە مۇھىت مەسىلىسى تۈپەيلىدىن، دۆلىتىمىزدە پىرژىۋالسكى ياۋا ئېتى ياۋا تۈر توپىنىڭ نەسلى 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى قۇرۇپ كەتكەن. 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىدىن بۇيان، دۆلىتىمىز ياۋروپادىن پىرژىۋالسكى ياۋا ئېتىنى ئارقا – ئارقىدىن كىرگۈزۈپ، شىنجاڭ قارامايلىدا ۋە گەنسۇنىڭ ۋۇۋېيدا يېرىم دالىدا بېقىپ كۆپەيتكەن. ھازىر دۇنيادا تەخمىنەن 2000 تۇياققا يېقىن پىرژىۋالسكى ياۋا ئېتى بار. شىنجاڭ ياۋا ئات كۆپەيتىش تەتقىقات مەركىزى ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ ياۋا ئات كۆپەيتىش بازىسى بولۇپ، كۆپەيتىلگەن كۆپ ساندىكى ياۋا ئاتلار قوغدىغۇچىلارنىڭ كۈتۈشىدىن ئايرىلىپ، نىسپىي مۇقىم ياۋايى توپنى شەكىللەندۈرگەن.

مۇناسىۋەتلىك ئولانمىلار