UYNTV

ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزىدە %60 تىن يۇقىرى كەسپنى توردا بېجىرگىلى بولىدۇ

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : تەڭرىتاغ تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 11-09-2018 12:56

A-A+

 ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى. 9-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى) ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزى بازار نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش ئىدارىسى پۈتۈن مۇساپىلىك توردا بېجىرىدىغان كەسپتىن يەتتە تۈرنى كۆپەيتتى. شۇنىڭ بىلەن، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزىدە جەمئىي 253 ئىش تۈرىنى پۈتۈن مۇساپىلىك توردا بېجىرگىلى بولىدىغان بولۇپ، بۇ، مۇلازىمەت مەركىزىدە بېجىرگىلى بولىدىغان بارلىق ئىش تۈرىنىڭ %63 ىنى ئىگىلەيدۇ.

  9-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى) ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزىدە، كارخانا ئىش بېجىرگۈچىسى لياڭ لى مۇلازىمەت زالىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە توردا يېڭى شىركەتنىڭ تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى ئىلتىماس قىلدى ۋە بۇ ئىش تۈرىنىڭ تولىمۇ قولاي ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى.

  ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى) ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى لىن چىڭشيا مۇنداق دېدى: بۇ مۇلازىمەت مەركىزى «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئالاقە تورى+ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى»نى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانا ئېچىشقا كېتىدىغان ۋاقىتنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ قىسقارتتى.