UYNTV

10 مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى «تۆتتە ياخشى ئوقۇتقۇچى» چى گۇڭ ئوقۇتقۇچىلار مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 11-09-2018 18:20

A-A+

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، ئۇزاقتىن بۇيان مائارىپ-ئوقۇتۇش بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرۇپ ئىشلەۋاتقان پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 10 مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى ئېلىمىزنىڭ ئاساسى مائارىپ ئىشلىرىغا قوشقان گەۋدىلىك تۆھپىسى ئۈچۈن، بېيجىڭ سىفەن داشۆسىنىڭ «تۆتتە ياخشى ئوقۇتقۇچى» چى گۇڭ ئوقۇتقۇچىلار مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

تەقدىرلەنگەن بۇ ئون ئوقۇتقۇچى خۇنەن، شەنشى، خېبېي، يۈننەن، گەنسۇ، چىڭخەي قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى 30 نەچچە يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان.

بېيجىڭ سىفەن داشۆسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى چىڭ جيەنپىڭ مۇنداق دېدى: مەكتىپىمىز چى گۇڭ ئەپەندىگە ئوخشاش ھاياتىنى «ئىلىمدە باشقىلارغا ئۇستاز، ھەرىكەتتە باشقىلارغا نەمۇنە» بولۇش روھىنى ئەمەلىيىتىدىن ئۆتكۈزگەن بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى تەقدىرلەيدۇ، «تۆتتە ياخشى ئوقۇتقۇچى» جامائەتچىلىك ھەرىكىتىگە خالىس تۆھپە قوشقان بىر تۈركۈم مائارىپ، ئوقۇتۇش كوللېكتىپىنى تەقدىرلەيدۇ، بۇ ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە ئاساسى قاتلامدا يىلتىز تارتقان، خالىس تۆھپە قوشقان «تۆتتە ياخشى ئوقۇتقۇچىلار»نى مەدھىيەلەش، قوللاشنى تەشەببۇس قىلىمىز.

 

مۇناسىۋەتلىك ئولانمىلار