UYNTV

ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۇ ھەپتىدە ھاۋا ئاساسەن بۇلۇتلۇق بولىدۇ

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : تەڭرىتاغ تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 11-09-2018 12:55

A-A+

 شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: بىر قېتىملىق سوغۇق ھاۋا ئېقىمىدىن كېيىن ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرىدا ئۈرۈمچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلەشكە باشلىدى. مۇخبىرنىڭ 9-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، يەنە بىر قېتىملىق ئاجىز سوغۇق ھاۋا ئېقىمى تەسىرىدە تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ ھۆل-يېغىنلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھاۋارايى بۇ ھەپتىدە ئاساسەن بۇلۇتلۇق بولۇپ، كۈندىلىك ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 25 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن بولىدىكەن.

  مۆلچەرلىنىشىچە، 9-ئاينىڭ 10-كۈنى كۈندۈزدە مەركىزىي شەھەر رايونى، مىچۈەن-كۆكتاغ رايونى، داۋانچېڭ رايونىدا ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ كېيىن ئېچىلىدىكەن، جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى ۋە نەنسەن تاغلىق رايونىدا ئۆتكۈنچى يامغۇر يېغىپ، كېيىن ھاۋا ئېچىلىدىكەن، مەركىزىي شەھەر رايونىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 23 سېلسىيە گىرادۇس، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 13 سېلسىيە گىرادۇس بولىدىكەن. 9-ئاينىڭ 11-كۈنى كۈندۈزدە تېمپېراتۇرا 10-كۈنى بىلەن كۆپ پەرقلەنمەيدىغان بولۇپ، كەچتە يەنە بىر قېتىملىق ئاجىز سوغۇق ھاۋا ئېقىمى يېتىپ كېلىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تېمپېراتۇرىسى يەنىمۇ تۆۋەنلەيدىكەن. 9-ئاينىڭ 13-كۈنى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 14 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشىدىكەن.

  مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى شۇنى ئەسكەرتىدۇ: كۈز كىرگەندىن كېيىن كۈندۈز بىلەن كېچىنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ بولۇپ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەشكە قاراپ يۈزلىنىدۇ، شەھەر ئاھالىلىرى ئىشقا چىققاندا ۋە ئىشتىن چۈشكەندە ھەمدە سىرتتا پائالىيەت قىلغاندا قېلىنراق كىيىپ، زۇكام بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى لازىم.