يېڭى بەتتىن ئېچىلسۇن
كۆرەش مەھمۇتجان رەئىسى

ئۇستاز كۆرەش مەھمۇتجان رەئىسىنىڭ قىلغان خىزمەتلىرى

قاتناشقان مۇھىم تەتقىقات پروگراممىلىرى: 1. شىنجاڭنىڭ ئالىي مائارىپىغا مەبلەغ سېلىش ۋە ئۇنىڭ ئۈنۈمى توغرىسىدا تەتقىقات (شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ مائارىپ نازارىتى تەتقىقات تۈرى) 2.شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتېتى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پىسخىك سالامەتلىكىنى توردا باھالاش سېستىمىسى قۇرۇلۇشى (مەكتەپنىڭ تەتقىقات تۈرى)

قاتناشقان ئاساسلىق ئىلمىي ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار 1.جۇڭگو ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيىتى 2.جۇڭگو تىل تەتقىقاتى ئىلمىي جەمئىيىتى 3.شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتېتى مۇھىت ئاسراش ئىلمىي جەمئىيىتى 4.جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر 12 مۇقامى ۋە ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقات ئىلمىي جەمئىيىتى. 5.ئۈرۈمچى ساخاۋەتچى ئاتىلار جەمئىيىتى. 6.كورلا شەھەرلىك ساخاۋەتچى ئاتىلار جەمئىيىتى.

قاتناشقان مۇھىم چوڭ ئىلمىي يىغىنلار 1.قەشقەردە ئېچىلغان بۈيۈك ئالىم مەھمۇد كاشغەرىي تەۋەللۇتىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى (1995-يىلى) 2. ب د ت تەرىپىدىن2008-يىلنى مەھمۇد كاشغەرىي يىلى قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن بېيجىڭدا ئېچىلغان يېتۈك ئالىم مەھمۇد كاشغەرىنىڭ تەۋەللۇتىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇھاكىمە يىغىنى(2008-يىلى) 3.ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان مۇتەپەككۇر ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ«قۇتادغۇبىلىك»ئەسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە – خەنزۇچە ئاۋازلىق نۇسخىسىنى تارقىتىش يىغىنى(2014-يىلى) 4.شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ۋاپاتىنىڭ 10 يىللىقى ۋە 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى(2005-يىلى ۋە 2015-يىلى) 5.جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر 12 مۇقامى ۋە ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقات جەمئىيتىنىڭ ھەر قېتىملىق يىغىنلىرى 6.ئاپتونوم رايونلۇق تىل – يېزىق كومىتىتى ئۇيۇشتۇرغان بىر قانچە قېتىملىق ئاتالغۇ ۋە يېزىق مەسىلىسى يىغىنلىرى 7.شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرىسىتېتى ئۇيۇشتۇرغان بىر قانچە قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى. 8.شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى ئۇيۇشتۇرغان بىر قانچە قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى. 9.ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ئۇيۇشتۇرغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى. 10.ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئۇيۇشتۇرغان ئوقۇتۇش ۋە دەرسلىك ماتېرىيال خىزمىتى يىغىنلىرى. 11.لوپنور ناھىيىسىدە ئېچىلغان ئىككى قېتىملىق «لوپنورلۇقلار مەدەنىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»غا قاتناشقان (2012-يىلى ۋە2015-يىلى)

ئوقۇش تارىخى
سۆھبەت خاتىرىسى
كۆرەش مەھمۇتجان رەئىسىنىڭ ئەسەرلىرى