جاڭا بەتتەن اشىلسىن
تۆھپىكار ھەققىدە

پروفېسسور ئابلىكىم ھەسەن ئۆگەن كىم


ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەر


ئىنسان ھاياتىنىڭ قىممىتى ئۇنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ئورنى ۋە ئەمەل-مەنسىپى بىلەن ئەمەس، بەلكى گۈزەل ئەخلاقى، ئېسىل پەزىلىتى، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسى، ئەۋلادلارغا قالدۇرغان نەمۇنىلىك ئىش - ئىزلىرى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. ئۆز ھاياتىنى قىممەت ۋە ھىممەتكە تولدۇرۇپ ياشاپ، سانسىزلىغان قەلبلەرنىڭ ھۆرمەت تۆرىدىن ئۇرۇن ئېلىپ كېلىۋاتقان شۇنداق بىر ئۇستاز بار، ئۇ بولسىمۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئىقتىسادشۇناسلىق پەنلىرى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلار يېتەكچىسى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىجتىمائىي پەن نۇقتىلىق تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابلىكىم ھەسەن ئۆگەن مۇئەللىمدۇر. مەن ئابلىكىم مۇئەللىمنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەن-تېخنىكا بىناسىغا جايلاشقان 705-نومۇرلۇق ئىشخانىسىغا كىرگىنىمدە، ئۇ بىر دۆۋە كىتاب-ماتېرىياللار ئارىسىدا قېتىرقىنىپ ئىزدىنىۋاتقان ئىكەن. كىشىلەر بىلەن بولغان مۇئامىلىدە ناھايىتى قىزغىن ۋە كەمتەر دەپ تەرىپلىنىدىغان ئابلىكىم مۇئەللىم مېنى ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن قارشى ئالدى. مەن ئۇنىڭ ماتېرىياللىرىنى بىرەر قۇر كۆرگەچ، ھايات سەرگۈزەشتىلىرىگە قۇلاق سالدىم. بوستان كەنتىدىكى تۇنجى ئىستۇدېنت ئابلىكىم ھەسەن ئۆگەننىڭ بالىلىق چاغلىرى كۆنچى دەرياسىنىڭ شىمالى ئېتىكىگە جايلاشقان بوستان كەنتىدە ئۆتكەن بولۇپ، بۇ كەنىتتە ياپيېشىل چىم بىلەن ئورالغان توقايلىقلار بار ئىدى، ئابلىكىم بىلەن قۇرداش بالىلار مۇشۇ توقايلىقتا قوي باقاتتى. ئابلىكىم مەكتەپ يېشىغا توشقاندا ئەنە شۇ بوستان كەنتىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوقۇشقا كىردى. بوستان كەنتىدە ئۇنىڭ قۇرداشلىرى خېلى كۆپ بولسىمۇ، ئەمما مەكتەپتە ئۇقۇيدىغانلىرىنىڭ سانى ناھايىتى ئاز ئىدى. كۆپ ساندىكى دېھقانلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشى بىلەن كارى بولمايتتى، پەقەت ئاز - تولا ساۋادى بار دېھقانلارلا پەرزەنتلىرىنى مەكتەپتە ئۇقۇتاتتى. پىلانلىق ئىگىلىك تۈزۈلمىسى يولغا قويۇلغان خەلق كومىنا تۈزۈمى مەزگىلىدە، دېھقانلارنىڭ قورسىقى ئاچ، كىيىمى يېلىڭ بولۇپ، ئۆيلىرىدىن غۇربەتچىلىك چىقىپ تۇراتتى. دېھقانلار ئېتىزدىن كەلمەي كالىدەك ئىشلسىمۇ يىل ئاخىرى دارامەت ئالماقتا يوق، گەدىنىگە بىر مۇنچە قەرز ئارتىۋالاتتى، شۇڭا كۆپىنچە دېھقانلار بالىلىرىنى مەكتەپتە ئوقۇتماي، دېھقانچىلىق ئەمگەكلىرىگە سالاتتى، ئەمما ئابلىكىمنىڭ ئاتا – ئانىسى مەرىپەتپەرۋەر كىشىلەر بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئوقۇشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىدى. ـــ 1977 – يىلى دۆلەتنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان تۈزۈمىدە ئۆزگىرىش بولدى، مەن شۇ چاغدا تۇنجى تۈركۈمدە ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغانلار قاتارىدا ئىمتىھانغا قاتناشتىم. ئەينى چاغدا قەيەردە، نىمە كەسىپتە ئۇقۇشۇمنى بىلمەيتتىم، ئالىي مەكتەپتىن چاقىرىق كەلگۈچە بولغان ئارلىقتا ئاتا - ئانامغا ياردەملىشىپ ئەترەتنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئەمگىكىگە قاتناشتىم. 1978 – يىلى 18 – فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن، بىرىنچى ئەترەتتە ئەر-ئايال بۇلۇپ 100 گە يېقىن دېھقال ئات ئېغىلىدىن ئېتىزلىققا قىغ چىقىرىۋاتاتتۇق. ئىككى سائەت جىددى ئەمگەكتىن كېيىن ئەزالار كەتمەن - گۈرجەكلىرىنى قىغ دۆۋىسىگە قويۇپ، توپ-توپ بولۇشۇپ ئارام ئالغاچ قىزىق پاراڭ سېلىشقا باشلىدى، دەل شۇ چاغدا سىنىپ مەسئۇلىمىز كېرەم مۇئەللىم پەيدا بولدى ھەمدە بىر توپ دېھقاننىڭ ئالدىدىلا يۇقىرى ئاۋازدا «ئابلىكىم، سەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنىپسەن» دەپ چاقىرىقنى قولۇمغا تۇتقۇزدى. مەن مۇئەللىمنىڭ قولىدىكى چاقىرىقنى ئېلىپ، دەرھال ئۆيگە قايتتىم، ئۆيگە كىرسەم، ئانام بار ئىكەن، مەن شۇ ھامان ئۇنىڭغا قاراپ «ئانا، مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۆتۈپتىمەن، ئۈرۈمچىدە ئۇقۇيدىكەنمەن» دەپ ئۈنلۈك توۋلىدىم. ئانام نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي كۆزىگە لىققىدە ياش ئالدى، شۇنداق قىلىپ، مەن كەنتىمىزدىن چىققان تۇنجى ئستۇدېنت بولۇپ قالدىم،ـــ دەپ سۆزىنى باشلىدى ئابلىكىم ھەسەن. مەن ئىلگىرى تۈرلۈك سورۇنلاردا كاستوم – بۇرۇلكىلارنى قاتۇرۇپ كىيىپ، گالۇستۇكلارنى تاقاپ يۈرىدىغان ئابلىكىم مۇئەللىمنى بىرەر ئاق ياقىلىق زىيالىنىڭ ئوغلى، كىچىكىدە كۆپ جاپا تارتمىغان، دەپ ئويلايتتىم. ئەمما ئۇنىڭ كىچىكىدىكى ئەگرى – توقايلىققا تولغان جاپالىق سەرگۈزەشتىلىرىنى ئاڭلاپ، قايسى بىر پەيلاسوپنىڭ «جاپالىق سەرگۈزەشتىسى بولمىغان ئادەمنىڭ پارلاق كەلگۈسى بولمايدۇ» دېگەن سۆزىنىڭ ئەمەلىي مىسالىنى رېئاللىقتىن تاپقاندەك بولدۇم. باشلىق بولۇشتىن ۋاز كېچىپ، ياپونىيەدە ئوقۇش مەن ئابلىكىم مۇئەللىم بىلەن ئەسرالىشىش جەريانىدا، ئۇنىڭ ياپون تىلىغا خېلى پىششىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، ئۇ ماڭا ياپون تىلىدا يېزىپ، ياپونىيەدىكى نوپۇزلۇق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان ماقالىلىرىنى راۋان ئوقۇپ، چۈشەندۈرۈپ قويدى. مەن ئۇنىڭدىن «ياپون تىلىنى قانداق ئۆگەنگەنتىڭىز؟» دەپ سورىۋېدىم، ئۇ ماڭا: ـــ مەن 1991 - يىلى مارتتىن 1992 – يىلى فېۋرالغىچە شەرقىي شىمال پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياپون تىلى تەييارلىق مەكتىپىدە ياپون تىلى ئۈگەنگىلى باردىم، بۇ مېنىڭ ياپونىيەگە ئوقۇشقا چىقىشىمنىڭ تەييارلىقى ئىدى. بۇ قېتىمقى پۇرسەتنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن 7 - 8 يىل تىرىشچانلىق كۆرسەتتىم دېسەممۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ، چۈنكى مەن 1978 - يىلى ئالىي مەكتەپنىڭ تەييارلىق سىنىپدا ئۇقۇۋاتقان چاغلىرىمدىن باشلاپلا ھەر كۈنى سەھەر سائەت بەشتە تۇرۇپ خەنزۇچە تېكستلەرنى يادىلايتتىم، ئەتراپىمدا چەت ئەل تىلى فاكولتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگىلىزچە تېكستلەرنى يادلايتتى. مېنىڭ ئىنگىلىز تىلىدىن قىلچە خەۋىرىم بولمىغاچقا، ئۇلارغا قاراپ شۇنچىلىك ھەۋىسىم كېلەتتى. بىر كۈنى ئۆكتەبىر تېرەكتۇر زاۋۇتىدا ئولتۇرۇشلۇق تۇغقىنىمىز ياسىن ياقۇپ ئاكىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، تۆت ياشلىق ئوغلىغا ئىنگىلىز تىلى ئۆگىتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، مەن ئۇنىڭدىن تىلنى قانداق قىلغاندا ياخشى ئۆگەنگىلى بولىدىغانلىقى توغرىلىق مەسلىھەت سورىدىم، ئۇ ماڭا تىل ئۆگىنىش تەجرىبىسىنى تەپسىلىي سۆزلەپ بەردى. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۆزلۈكۈمدىن تىلى ئۆگىنىشكە كىرىشتىم،ـــ دەپ جاۋاب بەردى. 1991 - يىلى 20 – فېۋرال ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ تەشكىللىشىدە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ئالى مەكتەپلەردىن تاللانغان 25 كۇرسانت شەرقىي - شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياپون تىلى تەييارلىق مەكتىپىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلدى. بۇ مەكتەپتىكى دەرسلەر پۈتۈنلەي ياپونىيەدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسلۇبى بويىچە ئۆتۈلگەچكە ئىمتاھاندىن ئەپلەپ - سەپلەپ ئۆتۈۋېلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۇلار ھەركۈنى چۈشتىن بۇرۇن تۆت سائەت، چۈشتىن كېيىن ئىككى سائەت دەرس ئۇقۇغاندىن باشقا، دەرستىن سىرىتقى ۋاقىتلىرىدا ئاز دېگەندىمۇ سەككىز سائەت دەرس تەكرار قىلمىسا ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەيتتى. جىددى ئۆگىنىشنىڭ بېسىمىدا بولسا كېرەك، يىل ئاخىرىدا ئابلىكىمنىڭ ساۋاقدېشى غەنىزات نېرۋىسى ئاجىزلاش كېسىلىگە گىرىپتار بۇلۇپ، شىنجاڭغا قايتىشقا مەجبۇر بولدى. بۇ ئىشتىن ھەممەيلەن بەكلا چۆچىدى، ئەمما ئۇلار يەنىلا بەل قويۇۋەتسە بولمايتتى. ئابلىكىم ھەر كۈنلۈك ئۆگىنىش پىلانىنى ئالدىن تۈزۈپ، شەنبە - يەكشەنبە كۈنلىرىنىمۇ بوش قويماي تەكرار قىلدى، ھەر كۈنى مەكتەپ قوروسىدىكى كۆل بۇيىغا چىقىپ، سەھەردە بىر سائەت، كەچتە ئىككى سائەت ۋاقىت ئاجىرتىپ ياپونچە تېكىستلەرنى يادىلىدى. ــــ ياپونىيەگە چىقىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقان چېغىمدا، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى رەھبەرلىكى مېنى ئىگىلىك باشقۇرۇش ئىنىستىتۇتى پارتىيە باش ياچىيكىسىنىڭ شۇجىلىقىغا ئۆستۈرۈشنى ئويلىشىپتۇ. مېنىڭ مەكتەپتە رەھبەرلىك ئورنىغا چىقىشىم ئىقتىدارىمنى جارىي قىلدۇرۇپ داۋاملىق ئالغا بېسىشىم ئۈچۈن بىر قېتىملىق ناھايىتى ياخشى پۇرسەت ئىدى، ياپونىيەگە چىقىپ ئىلىم سەھسىل قىلىشىممۇ ناھايىتى تەستە قولغا كەلگەن قىممەتلىك پۇرسەت ئىدى. ئەينى يىللاردا ھۆكۈمەت بىر ئۇقۇتقۇچىنى ياپونىيەدە ئوقۇتۇشقا 400 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سەرىپ قىلاتتى. چەت ئەلگە چىقىپ ئۇقۇپ كېلىش ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقان چاغلىرىمدىكى ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم ئىدى. مەن چوقۇم ئەمەلدار بولۇش بىلەن چەت ئەلگە چىقىشنىڭ بىرىنىلا تاللىشىم كېرەك ئىدى. رەھبەرلىك مېنىڭ قارار چىقىرىشىمغا ئۈچ كۈن مۆھلەت بەردى. مەن ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ، ئاخىر ئەمەلدار بولۇشتىن ۋاز كېچىش يولىنى تاللىدىم. رەھبەرلىك قارارىمغا ھۆرمەت قىلىپ ياپونىيەگە ئوقۇشقا چىقىشىمغا قوشۇلدى،ـــ دېدى ئابلىكىم مۇئەللىم ئەينى چاغدىكى ئەھۋاللارنى ئەسلەپ. كۆڭلىگە گۈزەل ئارزۇ – ئىستەكلەرنى پۈككەن ئابلىكىم ھەسەن ئۆگەن 1996 – يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى بىلەن ياپونىيە خۇسۇسىيلار ئالىي مەكتەپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، ياپونىيە ئوساكا سودا ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئىككى يىللىق ئوقۇشقا چىقتى. ئۇ بۇ جەرياندا ئاز بولمىغان ئەمەلىي بىلىملەرگە ئېرىشتى. ئۇ ماڭا ياپونىيەدە يولۇقتۇرغان مۇنداق بىر ئىشنى سۆزلەپ بەردى: ـــ بىر كۈنى مەكتىپىمىزنىڭ يېنىدىكى تاللا بازىرىدىن تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ئەپچىقىپ كېتىۋاتسام، ئىشىك ئالدىدا 30 ياشلار چاممىسىدىكى بىر ياپونىيەلىك ئايال ئىككى ياشلىق بالىسىنى تەنقىدلەۋېتىپتۇ. مەن ئۇ ئايالنىڭ سۆزلىرىگە بىر دەم قۇلاق سالغاندىن كېيىن، نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلدىم. ئەسلىدە ئۇ بالا باشقىلارنىڭ يايمىسىدىن بىر تال كەمپۈتنى سورىماي ئېلىپ ماڭغانىكەن، ئانىسى بۇ ئىشنى بايقاپ قېلىپ ئوغلىغا: «سەن نېمىشقا باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى سورىماي ئالىسەن، بۇ دېگەن ئوغرىنىڭ ئىشى تۇرسا، كىچىك تۇرۇپ ئوغرىلىقنى ئۆگەنسەڭ قانداق بولىدۇ» دەپ تەنبىھ بەردى ھەمدە ئۇنى كەمپۈت ئالغان دۇكانغا يېتىلەپ ئاپىرىپ، دۇكان غوجايىنىدىن ئەپۇ سوراتقۇزدى، مەن بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى تەپسىلىي كۆزىتىپ، «ياپونىيەلىك ئانا ئىككى ياشلىق بالىسىغىمۇ قاتتىق تەلەپ قويىدىكەن، مانا ئەمدى بۇ تەربىيە بالىسىنىڭ قۇلىقىدا بىر ئۆمۈر تۇرىدىغان بولدى» دەپ ئويلىدىم، بۇ ئىش ماڭا بەك تەسىر قىلدى. ئابلىكىم ياپونىيەدە ئوقۇش جەريانىدا ئۆزىنىڭ ئالاقىدىكى ماھىرلىقتىن ئىبارەت ئالاھىدىلىكىنى جارىي قىلدۇرۇپ، كيوتو ئۇنىۋېرسىتىتى بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىدى. 1998 – يىلى ئۇنىڭ ياپونىيەدىكى ئۇقۇشى ئاخىرلاشتى، ئەينى چاغدا ئۇستازى ئونىشى مۇئەللىم ئۇنى كيوتو ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ ئىقتىساد ئىنىستىتۇتىدا ئېلىپ قالماقچى بولدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ يەنە بىر قېتىملىق تاللاشقا دۇچ كەلدى. ئۇ ئەينى چاغدا مەكتەپ رەھبەرلىكىگە ئوقۇشى پۈتكەن ھامان ۋەتەنگە قايتىپ كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەنىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ يىلى ئوغلى 13 ياشقا، قىزى سەككىز ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭمۇ تازا ئاتا مېھرىگە موھتاج بۇلۇۋاتقان مەزگىلى ئىدى. ئۇ «بىز ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتىمىزنى لاياقەتلىك تەربىيەلىگەنلىكىمىزمۇ جەمئىيەتكە قوشقان مۇھىم تۆھپىمىز ھېساپلىنىدۇ. بىز زور شان-شەرەپ ۋە بايلىقلارغا ئېرىشىپ، بېشىمىز كۆكە تاقاشسىمۇ، ئەگەر پەرزەنتىمىزنى ياخشى تەربىيەلەپ چىقالمىساق ئاخىرقى ھېسابتا يەنىلا مەغلۇب بولغان بولىمىز. پەرزەنتىمىز ياراملىق ئىز – باسارلاردىن بولۇپ يېتىشەلىگەندىلا، بىز مەڭگۈلۈك بەخىت ۋە ھۆرمەتنىڭ ئىگىسى بولالايمىز» دېگەنلەرنى خىيال قىلىپ، يەنىلا ۋەتەنگە قايتىپ كېتىشنى قارار قىلدى. مانا ھازىر ئابلىكىمنىڭ ئوغلى ئۇتۇقجان ئامېرىكىنىڭ كېنساس ئۇنىۋېرسىتېتىدا، قىزى شاتگۈل ئامېرىكىنىڭ ئورگان ئۇنىۋېرسىتېتىدا تۇلۇق سوممىلىق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتىدۇ. ئاتا – ئانا قەسىدىسى مىننەتدارلىق ۋە ياخشىلىقنى ئادىمىيلىكنىڭ ئۆلچىمى دەپ تونۇيدىغان ئابلىكىم ھەسەن ئۆگەن يۇرتىغا بولغان مۇھەببىتى، بولۇپمۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60 – 70 - يىللىرىدىكى جاپالىق تۇرمۇش شارائىتىدا نۇرغۇن مۈشكۈلاتلارنى يېڭىپ توققۇز پەرزەنتىنى جەمئىيەتكە ياراملىق ئىختىساس ئىگىسى قىلىپ يېتىشتۈرگەن مەرھۇم ئاتىسى ھەسەن يۇنۇس ھاجىم بىلەن مەرىپەتپەرۋەر ئانىسى ھەمراخان سەپەرنىڭ ئىش – ئىزلىرىنى خەلقىمىزگە تونۇتتى. باشئەگىم ئېتىكىدىكى تاغ باغرىنى يېرىپ چىققان كۆنچى دەرياسى بويىدا مەرىپەت غۇنچىلىرىنى ئېچىلدۇرغان بۇ بىر جۈپ دېھقاننىڭ پەرزەنت تەربىيەسىگە سىڭدۈرگەن ئەجرى جەمئىيەتكە تارقالغاندىن كېيىن، كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلدى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۇنشيەن ھەمراخان ئانىنى قوبۇل قىلدى ھەمدە ئۇنىڭغا «سىز توققۇز پەرزەنتىڭىزنى ئىختىساس ئىگىسى قىلىپ تەربىيەلەپسىز، بۇ كارامەت تۆھپە، سىز بەختلىك ئانا، قەھرىمان ئانا، شۇنداقلا مەرىپەتپەرۋەر ئانا» دەپ يۇقىرى باھا بەردى. ئابلىكىم ئاتا – ئانىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: ـــ ئاتام بىلەن ئانامنىڭ تۇرمۇش قۇرغىنىغا 60 يىل بولدى، ئۇلار بۇ 60 يىللىق ھاياتىنى توققۇز پەرزەنتىنى تەربىيەلەشكە بېغىشلىدى. ئەسلەپ باقسام، 20 – ئەسىرنىڭ 60 - 70 - يىللىرى ئائىلىمىز ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى ئىنتايىن ئېغىر ئىدى. ھەر يىلى مەكتەپتە ئۇقۇش باشلانغاندا ئاتا - ئانام بىزلەرگە دەپتەر - قەلەم تەييارلاش ئۈچۈن باش قاتۇراتتى، بىراق قىسمەن قوشنا - خۇلۇملار ئاتام بىلەن ئانامنىڭ بىزنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن جاپا تارتىۋاتقانلىقىنى چۈشەنمەستىن «بۇنچە جاپادا ھەممە بالىنى ئوقۇتۇپ نېمە قىلىسىلەر، بىر، ئىككى بالاڭلار ئۇقۇپ، قالغانلىرى ئېتىز - ئېرىق ئىشلىرىغا ياردەملەشسە بولدى ئەمەسمۇ؟ باشقىلارنىڭ بالىلىرى ئوقۇمايمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىدىغۇ» دېيىشەتتى. بىراق ئاتام - ئانام ئۇلارنىڭ كىنايىلىرىگە كۈلۈپلا قوياتتى. ھەرقانچە قىيىنچىلىق تارتسىمۇ، بىرەرىمىزنى مەكتەپتىن توختىتىپ، ئېتىز - ئېرىق ئىشلىرىغا سېلىشنى ئويلىمايتتى. 1975-يىلى دېكابىرنىڭ ئاخىرىدا يۈز بەرگەن مۇنداق بىر ئىش ھەرگىز ئېسىمدىن چىقمايدۇ. شۇ كۈنى ھاۋا قاتتىق سوغۇق ئىدى، ئانام تاڭ سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ نان ياقتى، مەن ناشتا قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرمەي تونۇردىن چىققان قىزىق ناندىن بىر پارچىنى تۇتقىنىمچە قۇلاقچامنىمۇ كىيمەي مەكتەپكە يۈگۈردۈم، بىرىنچى سائەتلىك دەرستىن چۈشكەندە سىنىپنىڭ ئىشىكىدە ساقلاپ تۇرغان ئاتامنى كۆرۈپ، ئالدىغا باردىم – دە ئۇنىڭدىن «مەكتەپكە نېمىشقا كەلدىڭ؟» دەپ سورىدىم. ئۇ «ھاۋا بەك سوغۇق بولغاچقا، بېشىڭدىن سوغۇق ئۆتكۈزۈۋالماسلىقىڭ ئۈچۈن، قۇلاقچاڭنى ئەپكەلدىم» دېدى ۋە قۇلاقچىنى ماڭا كىيدۈرگەچ «بالام، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، جەمەتىمىزگە شان – شەرەپ كەلتۈرگىن!» دېدى. ئاتامنىڭ بۇ سۆزلىرى قەلبىمنىڭ چۇڭقۇر قاتلاملىرىغا يوشۇرنۇپ كەتتى. مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي ئانام ماڭا 20 يۈەن ئەۋەتمەكچى بولۇپ پوچتىخانىغا بارغانىكەن. پۇل ئەۋەتىش چېكىنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن، پۇلنى بانكا خادىمىغا تاپشۇرماقچى بولۇپ يانچۇقىنى ئاختۇرسا پۇل يوق تۇرغىدەك، خېلى ئىزدەپمۇ تاپالمىغاندىن كېيىن، پۇلنى ئوغرى ئېلىۋالغانلىقىنى بىلىپتۇ. ئانام شۇ چاغدا قاتتىق ئازابلانغان ھالدا پوچتىخانىدىن ئۆيگە قايتىپ كەلگۈچە يىغلاپتۇ. ئابلىكىمنىڭ ئاكىسى ئالتىنچى سىنىپقا كۆچكەن يىلى ئاتا - ئانىسىغا ھەمدەمدە بولماقچى بولۇپ، مەكتەپكە بارماي مەھەللىدىكى تەڭتۇشلىرى بىلەن بىللە باغراش كۆلىگە قومۇش ئورىغىلى بارىدۇ. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ئانىسى ئۇنىڭدىن قاتتىق خاپا بولىدۇ. ئانىسىنىڭ خاپا بولۇشىنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمىگەن ئاكىسى ئۇنىڭدىن «باشقىلار ئوقۇماي ئىشلەپ پۇل تاپسا بولىدىكەن، ئەجىبا مەن ئىشلىىسەم نېمىشقا بولمايدىكەن؟» دەپ سورايدۇ، ئانىسى سەۋرچانلىق بىلەن ئۇنىڭغا «بالام، بىزنى تاغدەك قىيىنچىلىق بېسىۋالسىمۇ، سېنىڭ مەكتەپتىن توختاپ قېلىشىڭغا رۇخسەت قىلالمايمىز، ھازىرقى قىيىنچىلىقىمىز ۋاقىتلىق، بۇنىڭغا سىلەر باش قاتۇرماي ياخشى ئۇقۇساڭلارلا بولدى» دەيدۇ. ئانىسىنىڭ ئاكىسىغا قىلغان بۇ سۆزلىرىمۇ ئابلىكىمنىڭ يۈرىكىنىڭ چۇڭقۇر قاتلاملىرىغا ئورناپ كېتىدۇ. ئابلىكىم ئائىلىسىدە بۇنىڭدەك مىساللار ناھايىتى كۆپ. ئابلىكىمنىڭ ئاتا - ئانىسى جاپالىق يىللاردا مۈشكۈلات تاغلىرىنى يەلكىسىدە تىك كۆتۈرۈپ، توققۇز پەرزەنتىنى ئەلگە ياراملىق قىلىپ تەربىيەلىدى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى دوكتور ۋە ئاسپىرانتلىق ئۇنىۋانىغا ئىگە بولدى. مۇنداقچە ئېيىتقاندا، بىلىم ئابلىكىمنىڭ ئائىلىسىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتتى. جاھاندا ئىنسان قەلبىنى لال قىلىدىغان ئەھمىيەتلىك ئىشلار كۆپ، لېكىن بىر جەمەتتىن بۇنچە كۆپ دوكتور ۋە ئاسپىرانتلارنىڭ بەس - بەستە مەيدانغا كېلىشى تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىشتۇر. ـــ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دىيارىمىزنىڭ قىسمەن جايلىرىدا بىر قىسىم ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتىنى ئوقۇتماسلىق ئۈچۈن ئارقا ئىشىك قىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ يۈز بەردى. بۇنىڭ تەسىرىدە قىسمەن باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى بارا-بارا كېمىيىپ كەتتى. مېنىڭچە بۇ بىر خىل قورقۇنچلىق تارىخى چېكىنىشتۇر. ئويلاپ باقايلى، بىر بالا ساق سالامەت دۇنياغا كۆز ئېچىپ 3 ياشتىن باشلاپ يەسلى تەربىيەسىنى باشلىسا، 18 ياشقا تولغاندا تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزىدۇ، شۇندىلا مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزۈپ، كىشىلىك غايىسى ئۈستىدە ئىجابىي قارار چىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولالايدۇ. ئەگەر بۇ بالا مائارىپتىن مەھرۇم بولسا، ئوقۇغان تەڭ تۇشلىرىدىن ئومۇمىي ساپادا تەخمىنەن 25 يىل ئارقىدا قالىدۇ، ئۇنىڭ پەرزەنتى مەكتەپتە ئۇقۇپ قاتارغا قوشۇلمىغىچە يەنە 25 يىل ئۆتىدۇ. دېمەك بىر بالا مائارىپتىن مەھرۇم بولسا، جەمئىيەتتنىڭ ماس تەرەققىياتىدىن 50 يىل ئارقىدا قالىدۇ. مېنىڭ ئاتا – ئانام گەرچە ئەينى چاغلاردا بۇنداق كۆپ ئىشلارنى ئويلىمىغان بولسىمۇ، ئەمما بىزگە بىلىمىگە تايىنىپ ياشاشنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچىنى تۇتقۇزدى. ئۇلار ئەينى يىللاردىكى شارائىتنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن ئۇقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، ئاتا - بوۋىسىدىن ئالغان تەلىمنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇپ، ئەۋلادلىرىنىڭ قەلبىنى بىلىم بىلەن يورۇتتى. ئۆزلىرى شام بولۇپ كۆيۈپ بىزدەك پەرزەنلىرىگە يورۇقلۇق ئاتا قىلىش ئارقىلىق، ئەۋلادلىرىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشنىڭ شانلىق ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەردى، شۇڭا مەن ئۇلاردىن چەكسىز پەخىرلىنىمەن،ـــ دېدى ئابلىكىم ھەسەن زىيارىتىم ئاخىرىدا. شۇنداق، پروفېسسور ئابلىكىم ھەسەن ئۆگەننىڭ ھاياتى ئەجدات ئۇدۇمىغا ۋارسلىق قىلىپ، ئۆزىدىن زور نەتىجىلەرنى كۈتۈۋاتقان سانسىزلىغان قەلبلەرنىڭ ئۈمىد مەشئىلىنى لاۋۇلدىتىپ كېلىۋاتقان نۇرانە ھايات، ئاتا – ئانىسىغا مېھىر – ۋاپا، ساداقەت، پەرزەنلىرىگە كۆيۈم، جۈرئەت، جاسارەت ئاتا قىلغان مەنىلىك ھايات. بۇ تۆھپىكار ئوغلانىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ھايات كارتىنىلىرى تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك ئەسلىمىلەر بىلەن مەنە تاپقۇسى، ئۆمۈر گۈلشەنىدىن دەستە – دەستە خۇشپۇراقلىق گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغۇسى!

ئابلىكىم ھەسەن ئۆگەن ئەسەرلىرى
سۆھبەت خاتىرىسى
دەرىسخانا