بەت يۆتكەش
پىشقەدەم خەتتات ئۇستىسى-كېرەم خوجا

پىشقەدەم شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەتتاتلار جەمئىيىتى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، تونۇلغان ئۈن-سىن كىتاب مۇقاۋا لايىھەلىگۈچىسى ئۇستاز كېرىم خوجا ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلماقتا

قەدىمكى مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭ ئۇزاق يىللىق تارىخىدا مۇزىكا، رەسساملىق، نەققاشلىق، ھەيكەلتىراشلىق، بىناكارلىق سەنئىتىدىن باشقا خەتتاتلىق سەنئىتى بىلەنمۇ دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىگە زور تۆھپىلەرنى قوشۇپ كەلگەن. خەتتاتلىق ئۆزىنىڭ كۆركەم، گۈزەل، نەپىس سىرىتقى شەكلى، قۇرۇلمىسى ۋە رەڭلىرى بىلەن كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپلا قالماي، ئۆز نۆۋىتىدە مول، قىسقا، ئىخچام ، چوڭقۇر مەنىسى بىلەن كىشىلەرگە زور ئىلھاملارنى بېغىشلايدۇ، روھى جەھەتتىن ئوزۇق بېرىدۇ ۋە ئادەم تەربىيەلەش رولىنى ئوينايدۇ. ھالبۇكى، جەمئىيەتنىڭ تىز تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ مىللىي خەتتاتلىق سەنئىتىمىز بارا-بارا ئاممىۋىي ئاساسلىرىدىن ئايرىلىپ، يېڭى ئەۋلادلارغا ناتونۇش، تۇرمۇشتىن يىراق بىر سەنئەت تۈرىگە ئايلىنىپ قالماقتا.

خەتتاتلار
پائالىيەت
سۆھبەت